ئاتالمىش «ئىنجىل-ئال-بارناباس»
قىپقىزىل بىر يالغانچىلىق
سوئال: مەسىھىيلەر «(خرىستىئانالار)» نېمىشقا
«ئىنجىل ئال-بارناباس»نى ئېتىراپ قىلمايدۇ؟
مۇتلەق ئىسپات قىلىنغانكى، «ئىنجىل ئال-بارناباس» دېگەن كىتابنىڭ ھەقىقىي ئىنجىل ۋە مەسىھىي ئېتىقادى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. بۇ جەھەتتىن بۇ كىتاب مۇسەيلما، ئال-فادخل-بىن- رابىەئ قاتارلىق زامانداشالرنىڭ يازغان «يالغان قۇرئان»ىغا ئوخشاش، چوڭ بىر ئالدامچىلىقتۇر.
بۇ كىتابنى ئىنچكىلەپ تەكشۈرۈپ چىققان ئالىملارنىڭ ھەممىسى «روسۇل بارناباس»نىڭ ئىسمى يالغاندىن قويۇلغان بۇ كىتاب، 15-ئەسىردىن ئىلگىرى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، دېگەن ئوخشاش بىر پىكىرگە كەلگەن. شۇ ۋاقىت بولسا، روسۇل بارناباسنىڭ ۋاپاتىدىن تەخمىنەن 1500 يىل كېيىن بولغان!
نۇرغۇن ئابرۇيلۇق مۇسۇلمان يازغۇچىالر ئۆزىلا بۇ پاكىتقا ۋاسىتىلىك ئىسپات بېرىدۇ. مەسىلەن، بۇ كىتاب 15-ئەسىردىن ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئال-تابارىي، ئال-بايدھاۋى، ئىبن كاتخىر قاتارلىق ئالىملار چوقۇم بۇ كىتابنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئىشلىتىپ: «ئەيسا مەسىھ كرېستتە ئۆلمىگەن» دېگەن بوالتتى. بىراق بۇنىڭ ئورنىدا، ئۇلارنىڭ مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى پىكىرلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.
بىز ئەگەر ئال-ماسۇئدى يازغان «ئالتۇن چىمەنزار»، ئىمام ئىمادئۇلدىن يازغان «باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش»، ئەھمەد ئال-ماگرىزى يازغان «ئىبرىزىنىڭ تەھرىرلىمىسى»دەك داڭلىق مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاختۇرساق بايقايمىزكى، بۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملار: «مەسىھلەرنىڭ ئىنجىلىدا تۆت يازغۇچىنىڭ ــ ماتتانىڭ، ماركۇسنىڭ، لۇقانىڭ، يۇھاننىالرنىڭكى بايان قىسىملىرى بار ئىكەن» دەپ بايان قىلىدۇ. مەسىلەن، ئال-ماسۇئدى مۇنداق يازىدۇ: «مەسىھ ئەيسانىڭ ھەم «ئون ئىككى مۇخلىسى» ھەم «يەتمىش مۇخلىسى» ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرىنىڭ ھەرقەيەرگە تارقىلىپ كېتىشى، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ۋە دەپنە قىلىنغان قەبرىلىرى توغرىسىدا توختالغانىدۇق. ئىنجىلنىڭ (يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان) «بايان قىسمى»نى يازغۇچىلاردىن ماتتا بىلەن يۇھاننا «ئون ئىككى مۇخلىس»ىدىن، لېكىن لۇقا بىلەن ماركۇس «يەتمىش مۇخلىس»تىن ئىكەن» (ئال-تانبىھ ۋال ئىشراف»، 136-بەت.
بىز ئەگەر مۇقەددەس كىتاب (تەۋرات، زەبۇر ۋە ئىنجىل)نىڭ كونا كۆچۈرۈلمە نۇسخىلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ باقساق، بىز بۇ ئاتالمىش «ئىنجىلدىكى «بارناباس قىسمى»نى تاپالمايمىز. بۇ كونا كۆچۈرۈلمىلەر، مۇھەممەدنىڭ دەۋرىدىن ئاۋۋال كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، قۇرئاننىڭ ئۆزى بۇ نۇسخىالر توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇالرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تەستىقاليدۇ. شۇنىڭدەك 3-ئەسىردىكى «مەسىھىي جامائەتلەرنىڭ ئاقساقاللىرى» تەييارلىغان «مۇقەددەس كىتابنىڭ قىسىملىرى» دېگەن «مۇندەرىجە تىزىملىكى»دە بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق گەپ-سۆز يوق.
تارىخىي تەتقىقاتالر بۇ يالغان كىتابنىڭ بىرىنچى نۇسخىسى -1709يىلى گېرمانىيەدە پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىقلىدى. ئۇنى ئىنچىكىلەپ تەكشۇرگەن ھەرقانداق دۆلەتتىكى ئالىمالرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇقاۋىسىنىڭ نۇسخىسى شەرقچە ئىكەنلىكىنى، ۋە ئەرەبچە ئىزاھاتلىرى بارلىقىنى بايقىدى. قەغىزى ۋە سىياھىنى تەكشۈرگەندە، -16 ياكى 15-ئەسىردە يېزىلغانلىقى ئېنىقلانغان ئەنگلىيەلىك ئالىم دوكتور سايىل بولسا بۇ كىتابنىڭ ئىسپانىيە تىلىدا يېزىلغان بىر نۇسخىسىنى تاپتى. بۇ نۇسخىنىڭ كىرىش سۆزىدە: «ئاقساقال ئىرانېۇئسنىڭ روسۇل پاۋلۇسقا قارىتا تەنقىد خېتى» توغرۇلۇق توختىلىدۇ. ئەمما ھەرقانداق تارىخشۇناس ئىرانېۇئسنىڭ يازغانلىرىدىن «بارناباس قىسمى» توغرۇلۇق ھېچقانداق گەپنى ۋە ياكى روسۇل پاۋلۇسقا قارىتىلغان ھېچقانداق تەنقىدنى تاپالمايدۇ؛ ئىرانېۇئس بارناباسنى ھېچ تىلغا ئالماي پاۋلۇسنىڭ مەكتۇبلىرىنى پات-پات نەقىل كەلتۇرىدۇ.
You may also like
يىراق يۇرتتىن كەلگەن خەت
گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى
ئەڭ يېڭى
- گۇناھ ــ ئىنسانلاردىكى بىردىنبىر مەسىلە 2024-08-19
- يىراق يۇرتتىن كەلگەن خەت 2024-07-30
- ئاتالمىش «ئىنجىل-ئال-بارناباس» 2024-07-26
- «یەهۋانىڭ گۇۋاهچىلىری»غا بەش سوئال 2024-06-07
- خۇدا بىلەن بىللە بولۇش 2024-05-24