
تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئوتتۇرىسىدا نېمه مۇناسىۋەت بار، تەۋرات قانۇنی بىلەن ئىنجىل ئوتتۇرىسىدا نېمه پەرق بار؟ تەۋرات دەۋری بىـــــلـەن ئىنجىل دەۋرىنىڭ ئوتتۇىسىدا نېمه پەرق بار؟ نېمىشقا ئەرشتىن نازىل قىلىنغان بۇ هەر ئىککی کىتاب بىرگه كېرەك؟ (تەۋرات زەبور، ئىنجىلنىڭ بىر پۈتۈن ئىکەنلىکىگه ئىشىنىمىز؛ هەممىسنی «مۇقەددەس کىتاب» یاکی «مۇقەددەس یازمىلار» دەپ ئاتايمىز. مۇشۇ یەرده بىز «زەبۇر»نى تەۋراتنىڭ بىـر قىسمی دەپ هېسابلایمىز).
یۇقىرىقی سوئاللار ئىنتایىن مۇهىمدۇر؛ جاۋاب بېرىش ئۈچۈن خۇدانىڭ مۇقەددەس كىتابنىڭ هەربىر قىسمىدا بولغان مەقسىتىنی ئىزدیشىمىز كېرەك. شۇ هەقىقەت کۆرۈنىدۇکی، ئىنجىلسىز تەۋراتنی تولۇق تەۋرات دېگىلى بولمايدۇ؛ تەۋراتنى ئىنجىل چۈشەندۈرىدۇ ۋە تەۋرات ئارقىلىق ئىنجىلدا ئاشكارا قىلىنغان سىرلار تېخىمۇ روشەن كۆرۈنىدۇ. باشقا يەرلەردە بىز تەۋرات بىلەن ئىنجلنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناۋىسىتىنى تەن بىلەن باشنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىمىز.