ئىشىنىمەنكى، سىز ئابدۇقادىر ھەققىدىكى بۇ ھېكايىنى ئوقۇشقا چوقۇم قىزىقىپ قالىسىز. ئابدۇقادىر تېخى ئىككى ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا، ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قالىدۇ. بىراق ئاتا-ئانىسىدىن ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال-مۈلۈك ۋە ئۆي-زېمىن مىراس قالىدۇ. ئۇنىڭ بىر تاغىسى بار بولۇپ، ئۇ ئابدۇقادىر ۋە ئۇنىڭ بارلىق مىراسىغا مەسۇئل بولۇشقا بېكىتىلىدۇ.

ئۇ چاغدا بۇ خىل ئورۇنالشتۇرۇش ياخشى دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئابدۇقادىرنىڭ تاغىسى رەزىل بىر ئادەم بولۇپ چىقىدۇ. ئۇ، بۇ كىچىك بالىنى يىراقتىكى باشقا بىر تۇغقىنىغا بېرىۋېتىدۇ.

ئۇ تۇغقىنىمۇ بالىغا پەقەتلا كۆيۈنمەيتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تاغىسى «ئابدۇقادىر ئۆلدى» دېگەن يالغان گەپنى تارقىتىپ، ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى سېتىۋېتىدۇ. ئۇ بۇ پۇللارنى ئۆزىنىڭ شەخسى ھۇزۇر-ھاالۋىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. ئابدۇقادىر چوڭ بولغانسېرى ئۆزىنىڭ ھېچنېمىسى يوق، ئۆي- ماكانسىز، باشقىلارنىڭ خەير-ساخاۋىتىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان بىر يېتىم بالا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئابدۇقادىر ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئېلىش ئۈچۈن، ئېتىزلىقلاردا جاپالىق ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئاران ئوقۇيالىغۇدەك ۋە يازالىغۇدەكلا مەلۇماتقا ئىگە بولالايدۇ.

ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ، ئابدۇقادىرمۇ يىگىرمە ئىككى ياشقا كىرىپ قالىدۇ. ئۇ بىر كۈنى ئۆزى يالغۇز ئۆيگە كەچ قايتىپ كېلىپ، ئۆز نامىغا يېزىلغان بىر پارچە خەتنىڭ ئۆيدە تۇرغىنىنى بايقاپ قالىدۇ! شۇ چاغدا ئۇنىڭ نەقەدەر ھاياجانلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟! چۈنكى ئۇنىڭغا بىر پارچىمۇ خەت كېلىپ باقمىغانىدى! پەقەت ئىككىنچى كۈنى، ئېتىزلىققا بارغاندىلا، ئۇ «بۇ يەردە ھېچكىم مېنى بايقىمايدۇ» دەپ خەتنى ئېچىپ يېزىلغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى مىڭبىر تەسلىكتە ئوقۇپ چىقىدۇ:

You may also like

ئاتالمىش «ئىنجىل-ئال-بارناباس»

قىپقىزىل بىر يالغانچىلىق سوئال: مەسىھىيلەر «(خرىستىئانالار)» نېمىشقا«ئىنجىل ئال-بارناباس»نى ئېتىراپ قىلمايدۇ؟ مۇتلەق ئىسپات قىلىنغانكى، «ئىنجىل ئال-بارناباس» ...

Leave a reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *