ئاكا- ئۇکا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمىز سەمىگه:
يېقىندا ئۆزلىرىنی ئاتالمىش یەهۋانىڭ گۇۋا هچىلىری دەپ ئاتىۋالغان بەزی کىشىلەر هەرخىل ناملار بىلەن مەسىھ قېرىنداشلىرىمىزنی ئازدۇرماقچی بولۇپ ئارىمىزغا سوقۇنۇپ کىردی. بۇ خىلدىکی کىشىلەر بىلەن باشقا سورۇنلاردىمۇ ئۇچرىشىپ قېلىشىمىز مؤمكىن. قېرىنداشلرىمىزغا مەلۇم بولۇشی کیرەککی، ئۆزىگه ئاتالمىش «یەهۋانىڭ گۇۋاهچىلىری» دیگەن نامنی قویۋالغان بۇ کىشىلەر بىدئەت (هەقىقەتتین ئازغان) بىر مەزهەپکه تەۋه کىشىلهردۇر. بۇ مەزهەپ بەزىده ئۆزىنی «کۆزىتىش موناری» (رۇسچه «باشنیا» ئىنگلىز تىلىدا (WATCHTOWER) دەپمو ئاتايدۇ.
بۇ كىچىك كىتابچىنی یېزىشتىکی مەقسەت (ئا) ئاکا-ئۇکا، ئاچا-سىکىل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مؤشۇ تەشكلاتنىڭ نانوغرا تەلىمىنىڭ ماهىيىتىنی بىلىپ یېتىشی ئۈچۈن؛ (ئه) ئۆزنگه «یەهۋانىڭ گۇۋاهچىلىری» دېگەن نامنی قویۇۋالغانلارنی سەمىمىي ۋه كىچىك پېئىللىق بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ تەشکىلاتنىڭ بىدئەتلىك هەم ئالدامچىلیقىدىن قۇتۇلۇپ، رەببىمىز ئەیسا مەسىهته بولغان هەقىقىی نىجانلىقنی تیپىشی ئۈچۈن.
«کۆزىتىش مؤناری» دیگەن مەزهەپ 1871-يىلى مەيدانغا کەلگەن؛ ئۇلار مەیدانغا چىاققاندىن تارتىپ تەلىملىرىنی ئۈچ-تۆت قیتىم ئۆزگەرتکەن. ئۇلار «ساختا خۇش خەۋەر» ۋه «ساختا ئەیسا مەسىھ»نی تەشوىق قىلماقتا.
You may also like
تەۋرات قانۇنى ۋە ئىنجىل
خۇدانىڭ ئايالى يوق
ئەڭ يېڭى
- تەۋرات قانۇنى ۋە ئىنجىل 2025-04-13
- خۇدانىڭ ئايالى يوق 2024-10-30
- گۇۋاھلىقلار 2024-10-18
- گۇناھ ــ ئىنسانلاردىكى بىردىنبىر مەسىلە 2024-08-19
- يىراق يۇرتتىن كەلگەن خەت 2024-07-30