
قەدىردان بوۋىمىز هابىلنىڭ هېکایىسی تارىختا بولۇپ ئۆتکەن هەقىقىي ۋەقەلىكتور. بۇ هېکایه بىزنی يىپەك يولنىڭ مۇهىم بىر قىسمی بولغان، هایاتی کۈچی تولۇپ تاشقان قەدىمىي قەشقەر دىياریغا قەدەم تاشلىتىدۇ. قەدىمىي قەشقەر مىلادی 10-ئەسرده ئۇیغۇرلار بوددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا قەدەم قويغان دەۋردىن باشلاپ، ئسلام مەدىنىيىتینى ئۆزىگه مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، قویۇق مىللىي ئالاهىدىلىکی گەۋدىلەنگەن بىر شەهەر قىیاپىتىده دۇنیا سەهنىسىده جۇلالىنىپ تۇرغان بىر ماکان ئىدی. ئو جایدا ئاساسەن ئۇيغۇر، قىرغىز مىللەتلىری هەم ئەینی ۋاقىتتا نوپۇس جەهەتته ئىنتایىن ئاز هېسابلىنىدىغان خەنزۇ مىللىتی ئورتاق بىلله ياشايتتى. قەشقەرنىڭ تار هەم ئۇزۇن کەتکەن خالتا کوچىلىری، بازار-رەستىلىری پاکار-پاکار ئۆیلىری، قورۇ-جايلىرى ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنقی ئوتتۇرا شەرق يېزىلىرىنی ئەسلىتاتتی.
مانا مۇشۇنداق ئاجایىپ بىر ماکاندا، جەسۇر بىر بالا یاشایتتی.