ۋە روھقا ئائىت ھېكمەتلەر

بو کىتاب فرانسىيىلىك نىكولاس خېرمان (1611 – 1691) ئەپەندىنىك مۇهاکىملەر ۋه سالام خەتلەر توپلىمىدور. ئۇ تۆۋەن تەبىقىدىن کېلىپ چىققان بولۇپ مەکتەپ یۈزی کۆرمىگەن، ئۇ ئەسكەر بولغان هەم باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىگەن. ئۇ 1649 – يىلی پارىژدىکی بىر موناستىردا ئاشپەزلىك قىلغان. شۇنىگدىن کېيىن، ئۇ ئۆز ئىسمىنی لاۋرېنسقا ئۆزگەرتکەن. ئۇ 1691 – يىلى 2- ئايدا سەکسەن ییشىدا ئالەمدىن ئۆتکەن.

بۇ كىتابتا جەمئىي تۆت قېتىملىق سۆهبەت خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇلارنی ئۇنىڭ دوستی بورخون ئەپەندی خاتىرىلەپ قالدورغان بولۇشی مۇمکىن. بۇنىڭدىن باشقا یەنه ئون ئالته پارچه سالام خەت بولوپ، بۇلارنى لاۋرینس ئۆزى يازغان. ئۇنىڭ مۇهاکىمىلىری ۋه سالام خەتلىرىده خۇدا بىلەن بولۇشلا تەکىتلىنىدو، یەنی خۇدا بىلەن بەقەت دۇئا ئارقىلىقلا بىلله بولغىلى بولۇپلا قالماستىن، هەر قانداق ۋاقىتتا، هەتتا ئەك ئالدىراش چاغلاردىمۇ خۇدا بىلەن بىلله بولۇشنی ئۇنتۇماسلىق تەکىتلىنىدو. لاۋرینس مانا مؤشولارغا ئەمەل قىلىپ ئۆز هایاتىنی بارغانسېری پاك ئۆتکۈزگەن ۋه خودانی تېخىمۇ سۆیۈپ هەقىقىي ئىخلاسمەن بولالىغان. ئونىڭ ئۈچۈن خۇدادىن باشقا هەممه نەرسه، هەتتاکی بۇ دۇنیامۇ قۇپقۇرۇق بىلىنەتتی. ئۇ خۇدا بولغاندىلا، هەممه نەرسه بولىدۇ دەپ قارايتتی. ئۇنىڭ قەلبی خۇدا بىلەن تولغاندى. ئۇنىڭ ئەهۋالی خوددی زەبۇرنىڭ 73 – باب، 25 ئایىتىده ئېيتىلغاندەکىدی. يەنی «ئاسماندا سەندىن باشقا کىمىم بار؟ زېمىندا سەندىن باشقا ئىنتلىدىغان نەرسەم يوق» دېگەندەکىدی. ئؤنىڭ خۇدا بىلەن بىلله بولغان واقتی 40 يىلدىن ئاشىدۇ. ئۇ بۇنى ئۆزىنىڭ ئەك قىممەتلىك نەرسىسی هیسابلایدۇ. شۇڭا، ئۇ باشقىلارغا زېرىكمەي نەسىهەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرى كىشىلەرنىڭ روهىنی سۇغىرالايدۇ. خۇدانی چىن قەلبتىن سۆیگۈچىلەر ئۇنىڭ سۆزلرىنىڭ قىممىتىنی هېس قىلالايدۇ.

You may also like

Leave a reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *