مۇھەممەد دەۋرىدىكى مەككە كاپىرلىرى «خۇدانىڭ «ئىالھىي قىزلىرى بار» دېگەنگە ئىشىنەتتى. شۇنداقلا شەرھچى ئىبن ئىسھاقمۇ: «مەككىدە يەنە «پاك قىز مەريەم بولسا، خۇدانىڭ ئانىسى» ۋە «مەسىھ ئەيسا خۇدانىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئوغلى» دېگەنگە ئىشەنگەن خرىستىيانالرمۇ بار» دەپ خاتىرە قالدۇرغان. بەلكىم شۇ سەۋەبتىن بىز قۇرئاندىن: ــ
«ئاللا ئاسمانالرنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر،ئاللانىڭ خوتۇنى يوق تۇرسا، قانداقلارچە بالىسى بولسۇن؟» (سۈرە «ئەنائم»، 102-ئايەت)، شۇنداقلا: ــ
«پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەزىمىتى كاتتىدۇر، خوتۇنى ۋە بالىسى يوقتۇر» (سۈرە «جىن»، 3-ئايەت) دېيىلگەندەك ئايەتلەرنى تاپالايمىز.
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن مۇسۇلمانالار خۇدا توغرۇلۇق «ئاتا»، «ئوغۇل» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، «بىر ئاتا ئوغۇللىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئايالى بولۇشى كېرەك، بۇ چوقۇم جىسمانىي ياكى جىنىسىي بىر مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ» دېگەنگە ئىشىنىدۇ. شۇڭا بالىسى. شۇڭا ئۇلار: «خۇدانىڭ ئايالى يوق بولسا، مەسىھ ئەيسا قانداقسىگە خۇدانىڭ ئوغلى بولالىسۇن؟» دېگەن سوئالنى قويىدۇ.
بىراق مەسىھىيلەرمۇ بۇ خىلدىكى ئاتا-ئوغۇللۇق مۇناسىۋەتكە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ. ئەمما نۇرغۇن مۇسۇلمانالر بۇنى تېخى چۈشىنىپ يەتمىگەن.
You may also like
ئۇيغۇر مەسىھچى شېھىت ھابىل
ئەستايىدىل ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن
ئەڭ يېڭى
- ئۇيغۇر مەسىھچى شېھىت ھابىل 2025-04-28
- ئەستايىدىل ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن 2025-04-21
- تەۋرات قانۇنى ۋە ئىنجىل 2025-04-13
- خۇدانىڭ ئايالى يوق 2024-10-30
- گۇۋاھلىقلار 2024-10-18