ئىبرانيچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگىلىزچە خۇداغا ئوقۇلغان مەدھىيە
«ھەممىڭلارنىڭ بىر يەردە، بىرلىكتە رەببىمىزگە مەدھىيە ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم!» _ دېدى يەھۇدىي مەشىيانىك تەشكىلاتى <<Celebrate Messiah>> دىن لورېنس خىرش. «بىزنىڭ بۇ يەردە ئىبرانى، ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىلىدا، يىغىلىشىپ بىرلىكتە ئىبادەت قىلالىغانلىقىمىزدىن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمىز. بۇ نېمىدېگەن ئاجايىپ ئىش، شۇنداقمۇ؟ مېنىڭچە، سىلەرنىڭ كۆپىڭلار بۇنداق ئىشنى تېخى تۇنجى قېتىم باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇشىڭلار مۇمكىن دەپ ئويلايمەن — بۇنداق ئەھۋالنى، ئاۋسترالىيەدە بىزمۇ تېخى تۇنجى قېتىم بېشىمىزدىن كەچۈرۋاتىمىز!»
بۇ قېتىمقى يىغىلىش پائاليىتى گەرچە «كونسېرت» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ، ھەقىقىي بىر ئىبادەت ۋە مەدھىيە ۋاقتى ئىدى. سىدنېيدىكى «بازاردىكى چىركاۋ»دا يەھۇدىي ۋە ئەرەب خەلقىدىن بولغان مۇزىكانتلار، مەسىھنى كۈيلەيدىغان مەدھىيە مۇناجاتلىرىنى ئورۇنلىدى.
مەدھيە گۇرۇپىسى بولسا، ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن مەسىھچى يەھۇدىيلارنىڭ «Solu» گۇرۇپىىسى ئىدى. ئۇلار تونۇلغان ئۆزى ئەرەب بولغان مۇزىكانت، ناخشىچى نىزار فرانسىس بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترالىيەدە ئىختىيارى كونسېرت قىلىپ يۈرۈۋاتىدۇ. نىزار فرانسىس بۇرۇن دۇنياۋىي مۇزىكىلارنى ئورۇنلايتتى، لېكىن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغاندىن بۇيان، مەدھىيە ناخشىلىرىنى يېزىشقا ۋە ئورۇنلاشقا كىرىشكەن ئىدى.
بۇ يىغىلىش ناھايىتى جانلىق ئېلىپ بېرىلدى، كۆپچىلىك مەدھيە ناخشلىرىغا تەڭكەش ھالدا خۇدانى كۈيلىگەنچە ھەمدۇسانالار ئېيتىشتى ۋە بەزىلەر بولسا خۇدانى مەدھىيلەپ ئۇسۇلغا چۈشكەن ئىدى!
بۇ ۋاقىتتا ئىبادەتنى يىتەكلەۋاتقان مەدھىيە گۇرۇپىسنىڭ ئىزچىل ھالدا يەتكۈزگەن ئۇچۇرى بولسا؛ < يەھۇدىيلار ۋە ئەرەبلەر بىر-بىرىنى سۆيەلەيدۇ، ئىسرائىللار بۇ خىل مۇھەببەتنى كۆرگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر ئەيسا مەسىھكە قاراپ يۈزلىنىدۇ ھەمدە پۈتۈن مىللەتتە ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ.>
نىزار فرانسىس بۇ ۋاقىتتا پۈتۈنلەي ئەرەبچە سۆزلىگەن ئىدى. (ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى بولسا، مەدھىيە گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى شىلو بەن خود كۆپچىلىككە ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ئىدى). ئۇ مۇنداق دېدى:
«7-ئۆكتەبىر ھۇجۇمىدىن كېيىن، شەيتان جامائەتچىلىك ئىچىگە توسالغۇ سېلىپ، پارچىلاشقا كۈشكۈرتكەن ئىدى. ۋە شۇ ۋاقىتتا، ئېتىقادچى بولغان يەھۇدىيلار پەقەت يەھۇدىي قېرىنداشلار بىلەنلا يىغىلىشىپ، باشقا يەھۇدىي بولمىغان ئىتقاتچىلار (ئەرەبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) بولسا ئايرىم قېلىپ قالغان ئىدى. بۇنداق قىلىپ كىم غەلىبە قىلدى؟ ھەقىقىي دۈشمەن بولغان (شەيتان) قىسقىغىنا ۋاقىت غەلىبە قىلغان بولدى.
نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ بىر ئەرەپ بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىسرائىللارنى ھەققىي سۆيىدىغانلىقىمنى، ئاسان قۇبۇل قىلىشالمايدۇ. ئەمەليەتتە ، ئىسرائىللارنى سۆيىدىغان بۇ سۆيگۈ بولسا، مېنىڭ ئۆزەمدىن كەلگەن ئەمەس بەلكى، ئەيسا مەسىھ مېنىڭ قەلبىمگە سالغان ھەققىي بىر سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتتۇر»
نىزار فرانسىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يەھۇدي مەدھىيە گۇرۇپىسدىن <<شىلو>> بىلەن بولغان ناھايىتى يېقىن دوستلۇقى ھەققىدە توختالغان ئىدى. يەنى ئۇ:-
« ئارىمىزدا خوشاللىق ئۈزۈلمەيدۇ. بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ چۈنكى بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەققىي بىر دوستلۇق ۋە مېھىر مەۋجۇت. بىزنىڭ ئارىمىزدا سەن يەھۇدي مەن ئەرەب دېگەندەك مەسىلىلەر مەۋجۇت ئەمەس. بىز ھەقىقي قېرىنداشلارچە بىللە ئۆتۈپ كېلىۋاتىمىز. بىز مۇشۇنداق ياشىيالىغان يەردە، پۈتكۈل ئىسرائىللارمۇ شۇنداق ياشالايدۇ>>
ئارقىدىن ،شىلو بېن خودمۇ ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى:
«7-ئۆكتەبىر>> ۋەقەسى بولسا، مېنىڭ ئۈچۈنمۇ ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈنمۇ، ئوخشاشلا قەلبىمىزنى ئازابلايدىغان بىر كۈن ئىدى. ھۇجۇمدىن بىر ئاي بۇرۇن، بىز ئالاھىدە بىر ئىبادەت يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. يەھۇدىيلار ۋە ئەرەبلەر بىر يەردە، بىر ئۆيگە جەم بولۇشۇپ، ئىبرانىيچە ۋە ئەرەبچە بىرلىكتە خۇداغا مەدھىيىلەر ئېيتىشقان ئىدۇق،ۋە شۇنداقلا دىيارىمىزدا روھى ئويغىنىش بولۇشى ئۈچۈن بىرلىكتە دۇئا قىلىىشقان ئىدۇق.
شۇ ۋاقىتتا، مېنىڭ يېقىن بىر دوستۇم يېنىمغا كېلىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: ‹بايام خۇدا ماڭا يېڭى بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاشكارىلاندى› دېدى. ئۇ يەنە: ‹پات يېقىندا، ئىسرائىلىيەدە ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىش يۈز بېرىدۇ. بۇ ئىش سېنى ئازابلايدۇ شۇنداقلا سېنى ئىنتايىن قايغۇغا سالىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا، بۈگۈن سەن كۆرۈۋاتقان يەھۇدىي ۋە ئەرەب ئىتىقادچىلار ئارىسىدىكى بىرلىك تەۋرىنىدۇ. لېكىن بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى بولسا،ئۇنداق ئاخىرلاشمايدۇ. بۇ ئىشلار بېشىڭغا كەلگەندە، بۈگۈن بۇ يەردە ھېس قىلىۋاتقان ئاراڭلاردىكى مۇشۇ بىرلىكنى، ئېسىڭدا چىڭ تۇت.›
بۇ ئىشتىن بىر نەچچە ھەپتە كېيىن ھەقىقەتەن، < 7-ئۆكتەبىر> ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا، بىزنىڭ يۈرىكىمىزگە سالغان ئەڭ چوڭ زەربە بولدى. شۇ ئان يۈرىكىمدە قاپقاراڭغۇ بىر زۇلمەت، غەزەپ ۋە ھەتتا نەپرەتنى ھېس قىلدىم. مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىمنىڭ بىرى غەززەدە چوڭ بولغان ئەرەب ئېتىقادچى ئىدى. ھۇجۇمدىن كېيىنكى شۇ دەسلەپكى كۈنلەردە، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقەم پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. ھەتتا ئەتراپىمدا ئەرەپچە سۆزلەرنى ئاڭلاشنىڭ ئۆزى مېنى چوڭقۇر ئازابقا چۆكتۈرەتتى .
شۇ ۋاقىتتا، دەل شۇ بىر ئاي بۇرۇن ماڭا بۇ ئىش ھەققىدە سۆزلىگەن ھېلىقى قېرىندىشىمدىن تېلېفون كەلدى. ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: ‹شىلو، خۇدانىڭ ماڭا ئېيتقانلىرى ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇ كېچىنى ئېسىڭدە تۇت.›
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، مېنىڭ كۆز ئالدىمغا شۇ ئۆيدىكى ۋاقتىمىز كەلگەن ئىدى: ئۇ كېچە، يەھۇدىي ۋە ئەرەب خۇددي بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك، بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر يۈرەكتىن خۇداغا ئىبادەت قىلىغان ئىدۇق. شۇ كۈنىدىكى ئۇ خىل ھېس تۇيغۇ مېنىڭ يۈرىكىمنى تېخىمۇ ئازابلاۋاتاتتى. ئەمما شۇ ئاندا قەلىبىم مېنى تۇتۇپ تۇرغان غەزەب ۋە نەپرەتتىن ئازاد بولۇپ ئەركىن بولغان ئىدى، ۋە مەن يەنە بىر قېتىم خۇدانىڭ چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتى ۋە سەۋرىنى ھېس قىلغان ئىدىم.»
شىلو سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاچ مۇنداق دېدى: «مەن ئارىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى، ھازىرچە تولۇق چۈشىنەلمەيمەن. لېكىن مەيلى ئاغرىق ۋە ياكى ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا بولسۇن، خۇدا توختىماستىن ئىش قىلىۋاتىدۇ. ئۇ داۋاملىق ھەم يەھۇدىي ھەم ئەرەبلەرنى يەشۇئانى ( قۇتقۇزغۇچى ئەيسا مەسىھنى) تونۇشقا ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە باشلاۋاتماقتا.>>
شۇنداق، بۇ پەقەتلا بىر كونسېرت ئىدى، بۇ شۇنداقلا سىياسىي يىغىلىش ياكى غەززەدىكى ئۇرۇش توغرىسىدىكى چوڭقۇر مۇنازىرە ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، ئۇ كېچىدىكى پائالىيەت بىزگە ئۈمىد ۋە ئەمىنلىك ئۇچۇرنى ئېلىپ كەلدى، يەھۇدىيلار بىلەن ئەرەبلەر يەنىلا ئۆزئارا بىر-بىرىگە يۈرىكىدىن ئورۇن بېرەلەيدۇ، بۇنىڭغا رەب ئەيسا ئۆزى يول ئاچقۇسىدۇر!
You may also like
يىراق يۇرتتىن كەلگەن خەت
ئاتالمىش «ئىنجىل-ئال-بارناباس»
ئەڭ يېڭى
- ئىبرانيچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگىلىزچە خۇداغا ئوقۇلغان مەدھىيە 2026-01-09
- ھەقىقەت 2025-11-17
- ھەقىقەت ۋە سائادەت 2025-08-24
- مۇقەددەس كىتابدىن ئېلىنغان ھېكايىلەر 2025-05-15
- ئۇيغۇر مەسىھچى شېھىت ھابىل 2025-04-28



