خۇش خەۋەر

جەننەت ئەھلى بولغۇڭ كەلسە
 دوزاقتىن قۇتۇلغۇڭ كەلسە 
 خۇدادىن كەچۈرۈم ئېلىپ
 مەڭگۈ ھايات بار بولغۇڭ كەلسە.

جەننەتكە پەقەت بىر يول بار
 خۇدا ئۆزى ئاچقان يول بار
 بېگۇناھ مەسىھ ئەيسانى
 قۇربان بېرىپ ئاچقان بىر يول بار.

 قانۇن ئادىل بولغان ئۈچۈن
 جازا باركى گۇناھ ئۈچۈن
 گۇناكارلار جايى دوزاق
 خۇدا يولىنى تەرك ئەتكەن ئۈچۈن.

 گۇناھ ئۈچۈن جازا ئۆلۈم
 ئۇنى يۇيۇش ئۈچۈن قان تۆلەم
 ئەيسادىن ئاققان قۇربان قان
 گۇنھالار ئۈچۈن بولدى تۆلەم.

 خۇدانىڭ يولى ئەيسادۇر
 سۆيگۈ چاپراستا ئىزھاردۇر
 ئىشەنچ قىل مەسىھ ئەيساغا
 ئۇ خۇدا بەرگەن نىجاتكاردۇر.

 ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر
 ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندۇر
 زامان ئاخىر بولغان چاغدا
 سوت قىلىشقا كېلەدۇر.

 ئىشىنىڭلار خۇش خەۋەرگە
 خۇدادىن كەلگەن خەۋەرگە
 ئىشىنىڭلار رەب ئەيساغا
 قۇتقازغۇچى مەسىھ ئەيساغا.

You may also like

بىر ساڭا تەڭرىمىز

ئالبۇم: ساماۋى يول نومۇر: 9  بىر ساڭا تەڭرىمىز تاۋاككەل ئەيلىدۇق، ئامانەت پانىي دۇنى‍‍يا. مۇقەددەس، مەڭگۈلۈك، ...

Leave a reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *