ئالبۇم: سەن قۇياش، نومۇر: 8
سەن قۇياش، ھەقىقەت سېنىڭ ھىمىتىڭ
سۆيگۈ ۋە شەپقەتتىن ئايان قىممىتىڭ
تۈگىمەس، تەڭداشسىز، چەكسىز قۇدرىتىڭ
مەڭگۈلۈك ھاياتتا بايان خىسلىتىڭ
سۆزلىرىڭ قەلبىمگە تۆكۈلگەن ئۈنچە،
مەن سېنىڭ كۈچۈڭدىن يېتىلگەن غۇنچە
بايلىقىم، بارلىغىم، سېنىڭ يولۇڭدا،
ساڭا خاس ھۆرمىتىم ئۆمرۈم بويىنچە.
ساماۋىي نۇرلىرىڭ چۈشتى قەددىمگە،
يول ئېچىپ زۇلمەتتىن، ھايات بەختىمگە
ئەي خۇدا ئالقىشىم ئاشتى پەلەكتىن،
چۈنكى سەن ئولتاردىڭ ھايات تەختىمگە.
You may also like
بار! پەرۋەردىگار خۇدا!
ئالبۇم: سەن قۇياش، نومۇر: 1 ئالبۇم: مەڭگۈ ھايات ئاھاڭلىرى، نومۇر: 8 مۇزىكا جامائەتچىلىك دۇنىيا، باشتىن ...
بىر ساڭا تەڭرىمىز
ئالبۇم: ساماۋى يول نومۇر: 9 بىر ساڭا تەڭرىمىز تاۋاككەل ئەيلىدۇق، ئامانەت پانىي دۇنىيا. مۇقەددەس، مەڭگۈلۈك، ...
مەسىھ شۆھرىتى دەڭ
ئالبۇم: ساماۋى يول نومۇر: 8 شان۔شۆھرەت، ھەقىقەت، ھۆكۈم سېنىڭكىدۇر رەببىم. مەن گۇناھكارمەن، ئىلاھىم كۆز ئالدىڭدا ئەيىپكارلىقىم ...