خۇدا بەلگىلىگەن قىيامەت كۈنىگە ئاز قالدى. ھەزرىتى ئەيسا تەڭداشسىز كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەۋقەت بىلەن بۇ دۇنياغا قايتىپ كېلىپ بىزننى سوت قىلىپ، شەيتاننى دوزاخقا تاشلايدۇ. ھەممە ئادەم ھەزرىتى ئەيسا كۆرىدۇ. ئىنجىلدىن ئوقۇيمىزكى، قىيامەت كۈنى يېتىپ كەلگەندە، ھەزرىتى ئەيسا خۇددى پادىىچىلار قوي بىلەن ئۆچكىنى بىر-بىرىدىن ئايرىغاندەك، ئىنسانلارنىمۇ ئايرىدۇ. تەكەببۇر، جاھىل، ۋە يامان ئىش قىلغۇچىلارغا: «مەندىن نېرى تۇرۇڭلار!» دەپ، ئۇلارنى دوزاخقا تاشلايدۇ. بىراق، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارغا: «يېقىنراق كېلىڭلار! ئەي خۇدا بەختلىك قىلغانلار» دەپ، جەننەتتىن تېگىشلىك ئورۇن بېرىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلار ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەپ، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس نۇرى ۋە شان-شەرىپىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.

ئېلكىتابنى ئوقۇڭ

You may also like

ئۆمۈرلۈك چوك ئىش

نىكاھ خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان بولۇپ خودانىڭ ئەرلەر ۋه ئاياللارغا قىلغان ئىلتىپاتی هەم ئورۇنلاشتۇرۇشى. شۇڭا، بىز ...

Leave a reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *